نىمە ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز ؟
نىمە ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز ؟چۈنكى 1- تەڭداشسىز سىھىرى كۈچ قۇدىرەتكە ئىگە تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭرىتاغ دىگەن ئىسمنىڭ ئالدىغا چوقۇم مۇقەددەس ياكى ئۇلۇغ دىگەن سۆز قوشۇلىشى ۋە مۇقەددەس تەڭرىتاغ ياكى ئۇلۇغ تەڭرىتاغ دەپ ئاتىلىشى زۆرۈر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .2 - ناھايىتى قەدىمىي زاماندا ئىنسانلار ئىنتايىن ئىغىر قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋە ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتەي دىگەن چاغدا ، تەڭرى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەرشىدىن يەرشارىدىكى تەڭرىتاغقا چۈشۈپ ئىنسانلارنى بالايىئاپەتتىن قوتقۇزۇپ قالغان . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تاغ رەسمىي ھالدا تەڭرىتاغ دىگەن نام بىلەن ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز . تەڭرىتاغ يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىپ قالماي يەنە پۈتۈن تۈركى، خىتتاي ، ھىندى ، قەدىمىي گىرىك ، ئەرەب ، پارىس مىللەتلەرى ئارىسىدىمۇ تەڭرىتاغ دىگەن بۇ ئىسىم ناھايىتى ئۇلۇغلىنىپ كەلگەنىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .3 - پۈتۈن يەرشارىدا تەڭرىتاغدىن باشقا ھىچقانداق بىر تاغ ھىچقانداق بىر يەر تەڭداشسىز تەڭرىنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانمىغان ھەم ئاتالمىغان . پەقەت ۋە پەقەت تەڭرىتاغلا تەڭرىنىڭ مۇبارەك ئىسمى بىلەن باشلانغان ۋە تەڭرىتاغ دەپ ئاتالغان . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .4- تەڭرىتاغنىڭ تارىخى ئەزەلدىن ئەبەدىلئەبەد بىر تارىختۇر . بەزىلەر تەڭرىتاغنىڭ تارىخىنى 1000 يىللىق تارىخ دەيدۇ . يەنە بەزىلەر تەڭرىتاغنىڭ تارىخىنى 5000 يىللىق تارىخ دەيدۇ . يەنە بەزىلەر تەڭرىتاغنىڭ تارىخىنى 10000 يىللىق تارىخ دەيدۇ . يەنە بەزىلەر تەڭرىتاغنىڭ تارىخىنى 70مىڭ يىللىق تارىخ دەيدۇ . ئەمما ھازىر سىلەرگە تەڭرىتاغنىڭ شۇنداق بىر قىل سىغماس شەكسىز ھەقىقىي تارىخنى دەپ بىرەي ، تەڭرىتاغنىڭ تارىخى ئەڭ ئاز دىگەندە يەرشارىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى بىلەن بىردەكتۇر . يەنى ، يەرشارىنىڭ ياراتقۇچىسى يەرشارىنى ياراتقاندا تەڭرىتاغنىمۇ قوشۇپ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ياراتقاندۇر . تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا يەرشارىنىڭ پەيدا بولغىنىغا بەش مىليارد يىل بولغان . شۇنداق بولغان ئىكەن تەڭرىتاغنىڭ تارىخىغىمۇ ئەڭ ئاز دىگەندە بەش مىليارد يىل بولدى دىگەن گەپ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز . ئەگەر تەڭرىتاغنىڭ تارىخىنى ، ياراتقۇچى پۈتۈن سامانيولى ۋە پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان ۋاقىت بىلەن بىردەك دەپ قارىغىنىمىزدا ، ئۇنداقتا تەڭرىتاغنىڭ تارىخى تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا ئاساسەن 13 مىليارد 800 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .5 - ئۇيغۇر مىللىتىمىز ناھايىتى قەدىمىقى زاماندا ئەتراپىدىكى ياۋايى مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلنىشىغا ئۇچرىغان شۇ ئىغىر كۈنلەردە تەڭرىتاغدىن بىر كۆك بۆرە چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى تەڭرىتاغنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرگەن . ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەنەشۇ مۇقەددەس تەڭرىتاغنىڭ ئىللىق ھەم گۈزەل قوينىدا بەختلىك ياشاپ نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ ھازىرقىدەك بۆيۈك بىر ئۇيغۇر مىللىتىگە ئايلاندۇق . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز. 6 - قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئوغۇزخاننىڭ ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ مۇقەددەس تەڭرىتاغدا باش كۆتۈرۈپ ، تەڭرىتاغدىكى سىرلىق كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئەتىراپىدىكى ياۋايى مىللەتلەرگە قوشۇن تارتىپ بويسۇندۇرغان .، شۇنداقلا قەدىمىي يۈكسەك ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەڭرىتاغ تارىم ئەتىراپىدىكى ياۋايى مىللەتلەرگە ئۈگۈتۈپ ئۇلارنى مەدەنىي مىللەت قىلىپ تەربىيلەپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .7 - تەڭرىتاغنىڭ قەددى-قامەتلىك ئىگىلمەس سۇنماس مەغرۇر روھى دەل ئۇيغۇر روھىدۇ . ھەرقانداق بوران چاپقۇن تەڭرىتاغنى بويسۇندۇرالمايدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق ياۋايى تاجاۋۇزچى باتۇر ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى بويسۇندۇرالمايدۇ . بوران چاپقۇن توختايدۇ يوقايدۇ ، ئەمما مۇقەددەس تەڭرىتاغ يەنىلا مەغرۇر ھالدا 18 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خايىسىدەك تىك تۇرىدۇ . مەڭگۈ تىك تۇرىدۇ . خۇددى شۇنىڭدەك ياۋايى تاجاۋۇزچىلار جەزمەن يوقىلىدۇ ، ئەمما جەسۇر ئۇيغۇر مىللىتىمىز گۈزەل تەڭرىتاغ باغرىدا مەڭگۈ قەد كۆتىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .8- تەڭرىتاغنىڭ چوقىسىدىكى ئاپئاق قار سۇلىرى ئىرىپ چۈشۈپ تارىم دەرياسىغا ۋە ئىلى دەرياسىغا قوشىلىدۇ . ئادەم بەدىنىنىڭ 60 % تى سۇدىن تۈزۈلگەن . قاننىڭ 99 % سۇدىن تۈزۈلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇق ئەنەشۇ تەڭرىتاغنىڭ سۇلىرىدىن تۈزۈلگەن . دىمەك ، ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ قىنى تەڭرىتاغنىڭ سۈيىدۇر . شۇڭا تەڭرىتاغنىڭ سۇلىرى شىپالىق سىھىرلىك سۇدۇر . شۇڭا تەڭرىتاغدىن ئايرىلىپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغنىڭ سۈيىدىن بىر پىيالە ئىچسە يۈرىكى ياشىرىدۇ . كۆڭلى يايراپ كىتىدۇ . كىسلى شىپا تاپىدۇ . ئاجايىپ خۇشال بولىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئەنەشۇ . ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ تىنى تەڭرىتاغنىڭ توپىسى ۋە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى تەكلىماكاننىڭ توپىسى شۇنداقلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ توپىسىدىن تۈزۈلگەن . دىمەك ، ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ روھىمۇ تەڭرىتاغ . ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ قىنىمۇ تەڭرىتاغ . ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ جىسمىمۇ تەڭرىتاغدۇر . شۇڭا تەڭرىتاغنى قوغدىغانلىق ئۆز بەدىنىمىزنى قوغدىغانلىق . تەڭرىتاغنى مۇقەددەس بىلگەنلىكىمىز ماھىيەتتىن ئۆزەمىزنى مۇقەددەس بىلگەنلىكىمىز ھىسابلىنىدۇ . شۇڭا تەڭرىتاغنى قوغدايلى . تەڭرىتاغنى ئۇلۇغلايلى . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتايمىز .9- ئەگەر خەنزۇلار شىنجاڭ دەپ ئاتىسا بىز ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبېك ،تاتار ، سالار قاتارلىق مىللەتلەر قوشۇلمايمىز . ئەگەر ،بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىساق خەنزۇ ، موڭغۇل ، تاجىك ، تۇڭگان ، مانجۇ ، رۇس قاتارلىق تەڭرىتاغ دۆلەتىدە دائىمىي ياشايدىغان مىللەتلەر قوشۇلمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەڭرىتاغ باغرىدا تۈرك ئىسىملىك بىر مىللەت يوقتۇر . پۈتۈن دۇنيا بىلسۇنكى ئۇشبۇ مۇقەددەس تەڭرىتاغدىكى بىرىنچى ئەڭ چوڭ مىللەت شۇنداقلا بۇ يەردىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەت دەل ئۇيغۇر مىللىتىمىزدۇر . ئەگەر مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلەتى دەپ ئاتىساق ھەممە ئادەم ھەممە مىللەت قوشىلىدۇ . مەنمۇ قوشىلىمەن ، رەھىمدىل ئاللاھمۇ قوشىلدى . پەرىشتەلەرمۇ قوشۇلدى . بىر نەچچە جىن ئالۋاستىلار مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتى دەپ ئاتاشقا قوشۇلمىغان ئىدى ، ئۇ جىنلارنى قورقۇنچلۇق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۋەتتىم . مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتاشقا قوشۇلمىغانلارنىڭ ھەر كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەنەشۇ جىنلارغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرلىۋاتىدۇ . بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن باشقا جىنلار قوشۇلدى . ، تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ، ب د ت ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، خىتتاي دۆلىتى ، ھىندىستان دۆلىتى ، روسىيە دۆلىتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتى دەپ ئاتاشقا قوشۇلدى .. شۇڭا مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز دەپ ئاتالسۇن . ئامىن !ئۇلۇغ #ئۇيغۇر بايرىقىمۇقەددەس #تەڭرىتاغ دۆلىتىمىللىتىمىز-ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتى !دۆلىتىمىز-مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتى !بايرىقىمىز-ئۇلۇغ تەڭرىتاغ دۆلىتىنىڭ مۇقەددەس قارا بايرىقىئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىمىز مەڭگۈ ياشىسۇن .مۇقەددەس تەڭرىتاغ دۆلىتىمىز مەڭگۈ ياشىسۇن .مۇقەددەس قارا بايرىقىمىز مەڭگۈ لەپىلدىسۇن . ئامىن .
https://tengritaghdolitimiz.wordpress.com/2016/09/20/نىمە-ئۈچۈن-مۇقەددەس-تەڭرىتاغ-دۆلىتىم/comment-page-1/#comment-144
没有评论:
发表评论
ئەخلاقنىڭ سىرتىدا ئىنكاس يازماڭلار